نەبىجان تۇرسۇن
كەمىنەنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۈچۈن تەييارلىغان “پەرغانە ۋادىسىغا سىڭىپ كەتكەن 300 مىڭ قەشقەرلىك” ماۋزۇلۇق پروگراممىسى يوۇتۇبە سەھىپىسىدە 2 كۈن ئىچىدە 5مىڭغا يېقىن ئاڭلىنىشقا كىردى. بۇنىڭ ھەققىدە ئۆزبېكلەر ئۆزلىرى كۆپرەك ئىنكاس يېزىشماقتا. بەزىلىرى ئۇيغۇر -ئۆزبېك بىر مىللەت دېسە، يەنە بەزىلىرى ۋەلىخانوف دېگەن 300 مىڭ سان يالغان ئۇچۇر، دەيدۇ. بەزىلىرى بولسا « سىلەر ئۆزۈڭلارنى دىياسپورا» دەپ ئاخىرى ئۆزۈڭلار يوقاپ كەتتىڭلار، دەيدۇ. قىسقىسى، رۇسىيە ھەربىي جاسۇسى، ئالىم چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى ئەسلى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەنە شۇ 300 مىڭ قەشقەرلىك، دولانلىق ۋە باشقىلار داۋاملىق تاكى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىلىغىچە ھەر يىلى قەشقەرىيەدىن كۆچكەنلەر ۋە يىللىق ئىشلەشكە بارىدىغان ئۇيغۇر مەدىكارلار، تۇغقان يوقلىغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ كۆپىيىپ ھازىر بولسا بەلكى پەرغانە ۋادىسىدا تەخمىنەن 2 مىليونغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا ھازىر سانى يوق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغان رېئاللىقىنى ئۆزبېك-ئۇيغۇر بىر مىللەت ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈش بەك ئاساندۇر. ئەگەردە ئۆزبېك -ئۇيغۇر بىر مىللەت بولغاندا، بۇلار كىم بولۇشى كېرەك ؟. بۇ ئىككى خەلقنى بىرلەشتۈرگەندە ئۆزبېك بولۇشى كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟ ياكى بۇلار ئەسلىدىن ئۇيغۇرمۇ ياكى ئۆزبېكمۇ؟ مېنىڭچە ئۆزبېك ئاتالغۇسى 14-ئەسىردىن كېيىنكى ئاتالغۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قەدىمى تۈركى خەلقى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئۆزبېكلەر ئەسلىدە ئۇيغۇر نامى ئاستىغا يىغىلسا دۇرۇس بولۇشى كېرەك. زاتەن ئۆزبېكلەرنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى كىم دېگەن سوئالغا ھېچكىم توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ئۆزلىرىنى قارلۇقلارغا باغلايدۇ. لېكىن ھەممە ئۆزبېك قارلۇقتىن كەلگەن ئەمەس، ئۆزبېكلەر قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە قەشقەرىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجداد تارىخى بىلەن باغلىغانىكەن ئۇنداقتا ئۆزبېكلەر تەركىبىدە قارلۇق، ياغما، چىگىل، توخسى ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بار بولغان بولىدۇ، ئۆزبېكلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە ئاساسىي ئېتنىك مەنبە قىلىپ باشقا تۈركىي قوۋملار، يەرلىك پەرغانە خەلقلىرى، قىسمەن پارىسى تىللىق خەلقلەرنى شۇنىڭدەك قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۈركىي قەبىلىلەرنى قوشۇپ ئاخىرى تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى ئۆزبېك بولدى. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۆزبېك مىللىتى بولۇش ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىغا ئەڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا قاتناشقان خەلق بولسا دەل قەشقەرىيەلىك ئۇيغۇرلاردۇر. ئەنە شۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى 1860-يىللاردىكى 300 مىڭ قەشقەرلىك ۋە 1877-1881-يىللىرى ئارىسىدىكى كۆچۈشتە كەلگەن قەشقەرىيەلىكلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە كەلگەن ئۇيغۇرلار 1924-1926-يىلى ۋە 1937-يىلىدىن كېيىنكى ئۆزبېك مىللىي نوپۇسى تىزىملىكىگە كىرىپ كەتتى. 1924-1925-يىلىدىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆزبېك دەپ ئاتايدىغانلار پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا ئاز ساندا ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇ لېنىن-ستالىننىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي كىملىك ۋە چېگرا ئايرىش سىياسىي تاكتىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا زور ساندا كۆپەيتىلدى، شەكىللەندۈرۈلدى. پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا جايلاردىكى ئەنە شۇ قەشقەرلىكلەر، ئاخۇنلار يېڭى ئۆزبېك مىللىتىگە تەبىئىي ۋە سۈنئىي يوسۇندا ئەڭ ئاسان سىڭگەن ۋە قوشۇۋېتىلگەن خەلقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، 16-17-ئەسىردىن باشلاپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پەرغانلىقلار، تاشكەنتلىكلەر ۋە باشقا جايلىقلار ئۇيغۇرىستانغا توختاۋسىز كەلدى. بولۇپمۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-30-يىللىرىدا، ياقۇب بەگ دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە چىقتى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنە قەشقەرىيە ۋە ئىلىغا كۆپ ساندا قېچىپ كېلىپ پاناھلاندى. ئۇيغۇرلار بۇ ئۆزبېكلەرنى يەنى« ئەنجانلىقلارنى» قوينىغا ئالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئادەملىرى سۈپىتىدە كۆردى. مەسىلەن، 1944-يىلى ئۇيغۇرلار ئەلىخان تۆرىنى ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرى، ئۆز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ تىكلىدى. 1933-يىلى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىدە 20 غا يېقىن پەرغانىلىققا مىنىستىر، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋە قوماندانلىق ئالىي ھوقۇقلىرىنى بېرىپ، ئۇلارغا بەيئەت قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ كۆپ يۇقىرى ھوقۇقىىنى نوپۇسى قەشقەردە 2- 3 مىڭغا يەتمەيدىغان ئۆزبېكلەر تۇتتى.
ئۇيغۇرلاردىكى ئەنە شۇنداق ئايرىماسلىق، قېرىداشلىق ، بولۇپمۇ بۇ ئىككى خەلق ئارىسىدىكى ئۆزارا يېقىنلىق ۋە ئورتاقلىق سەۋەبىدىن مانا بۇ ئاھالىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى ئۆزبېك دەيدىغانلار 13 مىڭغا يەتمەيدۇ. شۇنچە ئۇزۇن يىللار كەلگەن بۇ « ئەنجانلىقلار» نەگە كەتتى؟ دېمەك ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىدۇر. جەنۇبىي ئۇيغۇرىستان-شەرقىي تۈركىستاننىڭ خېلى كۆپ يېرىدە « ئەنجان مەھەللىسى»،« ئەنجان كوچىسى» بار ئىدى. بۇ، بىكار كەلگەن ئىسىم ئەمەس ئەلۋەتتە.
دېمەك، ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆزبېك بولۇشى ۋە ئۆزبېكنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ئەڭ ئاساندۇر. بۇلار ئارىسىدىكى بۇ خىل بىر-بىرىگە ئايلىنىشنى ئاسسىمىلياتسىيە ياكى يۇغۇرۇلۇش دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ بىر تەبىئىي سىڭىشىشتۇر، ئەمەلىيەتتە بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ھەر قايسى يۇرت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىر-بىرىگە سىڭىشىشىدۇر، يەنى قەشقەرلىكلەر، ياكى ئاقسۇلۇقلار، يەكەنلىكلەر، تۇرپانلىقلار، خوتەنلىكلەر ۋە باشقىلارنىڭ بىر-بىرىگە سىڭىشىشىغا ئوخشاشتۇر.
ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئىككىسىنىڭ بۇ خىل باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋىتىنى تارىخ، ئانتروپولوگىيە، تۇرمۇش-ئۆرپ ئادەت، مەدەنىيەت- مىللىي پسىخىكا ۋە باشقا تەرەپلەردىن قارىغاندا ئاسان چۈشىنىش مۇمكىن. بۇ ئىككى خەلق مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشىنى ھەتتا ئورتاق تۈرك مىللىتى ئىدېئولوگىيەسى رامكىسىغا سالمايمۇ، ئەڭ ئەقەللىي تەرەپتىنلا كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
لېكىن بۇلارنى بىر-بىرىگە سۈنئىي سىڭدۈرۈش ياكى ئايرىم مىللەتلىكنى تەرغىب قىلدۇرۇشمۇ بولدى. بۇ، مەركىزىي ئاسىيا، يەنى تۈركىستاننىڭ كېيىنكى سىياسىي بۆلۈنۈشىدىكى قۇدرەتلىك رۇسىيە-سوېت-خىتاي ئىككى چوڭ سىياسىي كۈچنىڭ تاكتىكىلىرىنىڭ بىرىدۇر. 1980-يىللاردا، جۈملىدىن يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردا خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزبېك بولۇپ ئايرىلىپ چىقتى. ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن مەشھۇر زىيالىيلار، شائىرلار، ئالىملار، ئەربابلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ چىقىشتى. بۇرۇن ھېچ دېيىلمىگەن ھالدا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئارىقىسىغا ئۆزبېك دېگەن تولۇقلىما قوشۇلدى.ئۇلارغا مەلۇم ئىمتىيازلار تەقسىم قىلىندى، ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ۋەكىل خاراكتېرلىك چوڭ گەۋدىدىن باشقا تۈرك خەلقلىرىنى ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇر نامى ئاستىدىكى چوڭ گەۋدىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن ئۆزبېكلەر، تاتارلار، قازاقلار، قىرغىزلارنى ئايرىۋېتىش تاكتىكىسى قوللىنىلدى. مانا ئەمدى دولانلىقلار، لوپنۇرلۇقلار دېگەندەك ئايرىش خاھىشلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى پۈتۈن تۈرك خەلقلىرى ھەتتا موڭغۇل، شىبە،تاجىك ھەتتا تۇڭگانلار ئۈرۈمچىدە، غۇلجىدا، قەشقەردە ۋە باشجا جايلاردا ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكەن بولسا، ئۇيغۇر تىلى بۇ رايوندىكى خىتايدن باشقىسى (مەلۇم ساندىكى خىتايلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىلدەك بىلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا) ئورتاق قوللىنىدىغان تىلغا ئايلانغان بولسا بۈگۈن بارلىق بۇ خەلقلەر ئۇيغۇرلارغا خىتايچە سۆزلەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى.
لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان پەرقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەرلىقلىرى بىلەن خوتەنلىكلىرى ياكى باشقا يۇرتلۇقلىرى ئارىسىدىكى پەرقچىلىكتۇر. بۇ ئىككى خەلقنىڭ پەرقىنى ئەمەلىيەتتە مىللەت ئۆلچىمى بويىچە پەرقلەندۈرگەندە ئايرىم ئىككى مىللەت دەرىجىسىگە توشمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇ بىر سۈنئىي شەكىللەندۈرۈلگەن پەرق. ئەسلىدە شىماللىق خىتايلار گۇاڭدوڭلۇق، شاڭخەيلىك-فۇجىەنلىك خىتايلارنى تەرجىمانسىز چۈشەنمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئورتاق خىتاي تىلى بولمىسا ئۇلار ئۆزئارا تەرجىمان ئىشلىتىشى كېرەك، ھەتتا مىجەز خۇلقى، ئانترىپولوگىيەلىك كۆرۈنۈشى، تارىخى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىدىمۇ بۇلار ئارىسىدا پەرقلەر زور. ئەسلىدە خىتايدا ئاتالمىش خىتايلارنىڭ ئۆزى نەچچە ئونلىغان مىللەتكە ئايرىلىشى كېرەكتۇر. لېكىن بۇلار بىر خىتاي مىللىتى، بۆلۈنمەس بىر چوڭ مىللەتتۇر. ئەمما ھېچنېمىسى ئاساسەن پەرقلەنمەيدىغان، ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئىككى ئايرىم مىللەتكە ئايرىلغان شۇنىڭدەك دۆلەت سىياسىي چېگرالىرى بۇلارنىڭ سۈنئىي ئايرىلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر ئامىلدۇر.
ئەسلىدە تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبېكلەر بىر-بىرىنى قەشقەرلىك، ئەنجانلىق ئۇقۇمى بىلەن پەرقلەندۈرگەن. ھەرگىز مىللەت دەرىجىسىدە پەرقلەندۈرمىگەن. بۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى يۇرتى، يەنى قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، قۇمۇل، غۇلجا ياكى باشقىلىرى بىلەن پەرقلەندۈرگىنىدەك، ئۆزبېكلەرنىڭمۇ بىر-بىرىنى ئەندىجانلىق، مەرغىلانلىق، قوغانلىق، بۇخارالىق، سەمەرقەنتلىك، ياكى تاشكەنتلىك دەپ پەرقلەندۈرۈشى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
قەدىمكى مەركىزىي ياۋرواسىيا تارىخىدا ئىككى تۈركىي ئورتاق ئېتنو-سىياسىي گەۋدە بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ تۈرك قاغانلىقى، تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقىدۇر. گەرچە، ئارىلىقتا قىرغىز قاغانلىقى، كىماك قاغانلىقى، تۈركەشلەر دۆلىتى، قارلۇق دۆلىتى بولسىمۇ، لېكىن پەقەت تۈرك قاغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقى ھۇن ئىمپېرىيەسىدىن كېيىنكى ئىككى ئەڭ چوڭ سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە ئۆزىگە نۇرغۇن تۈرك قەبىلىلىرىنى جەملىدى. تۈرك ۋە ئۇيغۇر بارلىق تۈرك قەبىلىلىرى، ئۇرۇقلىرىنىڭ ئورتاق ئېتنو-سىياسىي نامى بولدى. خىتايلارنىڭ قەدىمكى مەنبەلىرىدە تۈركتىن باشقا ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان قەبىلىلەر تېلې ( تۆلۆس) قەبىلىلىرىدۇر. تېلې قەبىلىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدۇر. بۇ قەبىلىلەر غەربتە ياۋروپاغىچە، شەرقتە موڭغۇلىيەگىچە بوشلۇققا تارقالغان. تېلې قەبىلىلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر قاغانلىقى شەكىللەندى. خىتايلارنىڭ قەدىمكى تارىخ مەنبەلىرى پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا -دى- چىلى، قانقىل-تېلې-ئۇيغۇر دېگەن لىنىيەگە تىزىدۇ ھەم ھۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى»دەپ يازىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق تارىخى سەلتەنەتى بولغاندا ئۆزبېك دېگەن نام تېخى يوق ئىدى. دېمەككى بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرنىڭ 14-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئەجدادلىرى ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئېتنو گېنېتىكىلىق تەرەققىيات لىنىيەسىدە تۇرىدۇر خالاس.
ئەلۋەتتە، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئوسمانلىلار ۋە تېمۇرىلار ئىككى ئەڭ گەۋدىلىك ئىمپېرىيە بولۇپ، بۇ ئىمپېرىيەلەرمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ يىغىندىسى خۇلاسە، ئەگەر ئۆزبېك-ئۇيغۇر بىر مىللەت ھالىتىگە قايتىش ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىش تارىخىنى يېزىشقا توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلار ئۆزبېك ئەمەس، بەلكى ئۆزبېكلەر ئۇيغۇر بولۇشى، كېرەك، ۋەھالەنكى، ھېچكىم ئۆز نامىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. نۆۋەتتە، ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنى ئەسلى بىر مىللەت، بىر خەلق دەپ چۈشىنىش ئۇلغايماقتا. ھەرقانداق بىر ئاڭلىق ئۆزبېك كىشىسىدىن ئۆزبېكلەرگە ئەڭ يېقىن ھەتتا ئوخشاش خەلق كىم دەپ سورىسا ئۇيغۇرلار دەپ جاۋاب بېرىدىغانلار كۆپەيگەن. بۇنداق يۈزلىنىش ئاخىرى يىلتىز ئىزدەش ۋە ئورتاقلىقنى تېپىشقا ھەم تونۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ. مانا بۇ ھەم تارىخنى توغرا ئۆگىنىشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتىدۇر. لېكىن ئەجدادىلا ئەمەس بەلكى بۈگۈنمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئېتنىك كۆرۈنىشى ئورتاق بولغان بۇ ئىككى خەلقنىڭ ناھايىتى زور بىر پەرقى باركى ، بۇ پەرقلەرنىڭ بىرى مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە، ئۆزىگە ئۆزى خوجا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچەكىدە تەڭ مەۋجۇت بولالاش ، يەنە بىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتكەن مىڭ يىلىدا زور تۆھپە قوشقان بىر خەلقنىڭ بۇنىڭدىىن كېيىنكى مىڭ يىللىق تارىخىدىن يوق قىلىنىپ تاشلىنىش خەۋپىدە قېلىشتۇر. بۇ ئىككى خەلقنىڭ يەنە بىر پەرقى شۇكى، بىرى مۇستەقىل، ئەركىن ھايات داپ كۈيىگە شوخ ئۇسسۇل ئوينىسا، يەنە بىرى مەھكۇملۇق- نىدالىق داپ كۈيلىرىگە جۈر بولۇشتۇر.