
شۆھرەت زاكىر-Shohret Zakir
شۆھرەت زاكىر 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. ( سۈي جىجيەن فوتوسى)
ئەسلى ئادېرسى:https://uygur.xinjiang.gov.cn/xj_ww/zfgzbg/201801/33fffa3e779b438885f3f22371dbfd81.shtml
2018–يىلى 1–ئاينىڭ 22–كۈنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنىغا بېرىلگەن
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر: ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
1. ئۆتكەن بەش يىلدا ۋە 2017 – يىلىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر
ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىل شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان بەش يىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 2014 – يىلى 5 – ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى يەنىمۇ بېيىتىلدى، راۋاجلاندۇرۇلدى ۋە يۈكسەلدۈرۈلدى، شىنجاڭ خىزمىتى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە خىزمەتلىرىمىزگە يېتەكچىلىك قىلدى، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى ۋە مۇھىم تەستىقلارنى سالدى. بولۇپمۇ بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى مۇھىم قوللانما ۋە كۈچلۈك تۈرتكىگە ئىگە قىلدى.
ئۆتكەن بەش يىل، شۇنداقلا يەنە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا پۇختا قەدەم باسقان بەش يىل بولدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى پۇختا تۇرغۇزۇش، ‹‹ئىككى ھالقىلىق نۇقتا››نى چىڭ تۇتۇش، ‹‹بىر ياخشى مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ‹‹بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قاتلاممۇقاتلام بېسىم چۈشۈرۈپ، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.
بەش يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتتە، بىز قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئاساس قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇردۇق. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق داۋامىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق باشلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىدۇق.
ـــ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىزنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2012 – يىلىدىكى 752 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن 2017 – يىلىدىكى 1 تىرىليون 92 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9 ئاشتى؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 90 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن 146 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 ئاشتى؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 272 مىليارد يۈەندىن 464 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.3 ئاشتى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى ئامانەت قالدۇق سوممىسى 1 تىرىليون 242 مىليارد 350 مىليون يۈەندىن 2 تىرىليون 175 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.9 ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنى مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى. ئاشلىقتا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئازراق ئېشىنىش››تەك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز ۋە ئورنىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى؛ باغۋەنچىلىك كۆلىمى ۋە ھوسۇلى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتۇق؛ چارۋىچىلىق ئىشلىرىمىز سىجىل تەرەققىي قىلدى؛ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى سانائەت ۋە يېڭى كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ساياھەتچىلىك، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇردۇق. 3 – كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى %58.2كە يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرتكىگە ئايلاندۇردۇق. ئۈچ خىل كەسىپنىڭ سالمىقىنى 37.6: 45.3: 17.1دىن 45.2: 39.3: 15.5گە تەڭشەپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئاساسلىقى سانائەتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن سانائەت بىلەن مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىگە تايىنىشقا ئۆتۈشتەك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق!
ـــ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىمىزنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدۇق. ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈككە بەش يىلدا جەمئىي 5 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13.5 ئاشۇردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھەگە جەمئىي 1 تىرىليون 940 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %27.5 ئاشۇردۇق. كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى باشلىدۇق ياكى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. لەنجۇ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە قەدەم قويدۇق. قومۇل – ئەرگىنە تۆمۈر يولىدىن كېيىن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3 – تۆمۈريول بولغان كورلا – گولمۇد تۆمۈر يولى جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارىدىغان 2 – يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بارلىققا كەلدى؛ قەشقەر – ئەركەشتام پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق 13 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 2728 كىلومېتىردىن 4578 كىلومېتىرغا يەتتى. توققۇز ئايرودۇرۇمنى يېڭىدىن ياسىدۇق، ئۆزگەرتتۇق ياكى كېڭەيتتۇق. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 21 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، دۆلىتىمىزدىكى بەش چوڭ تۈگۈن ئايروپورتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچىدە تۆت يەر ئاستى تۆمۈريولىدا كەينى – كەينىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىپ، مەركىزىي شەھەر قاتنىشى يەر ئاستى تۆمۈريول دەۋرىگە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بەخت ئاتا سۇ ئامبىرى، يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گېنېراتورىنىڭ سىغىمى 29 مىليون 680 مىڭ كىلوۋاتتىن 82 مىليون 490 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتور سىغىمى 18 مىليون 354 مىڭ كىلوۋاتقا، فوتوۋولتلىق ئېلېكتىر گېنېراتورىنىڭ سىغىمى 9 مىليون 76 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇنغا ئۆتتى. قومۇل – جېڭجۇ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرۇش 2 – ئۆتۈشمە قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، سىرتقا جەمئىي 139 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزدۇق. 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تۇتاشتۇرۇلدى. ئۇل ئەسلىھە، شەھەر – يېزا قىياپىتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى!
ـــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا مۇھىم قەدەم تاشلىدۇق. مەركەز بېكىتكەن تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىلىق، ئۇللۇق ئىسلاھاتلاردا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق، ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش›› ئىسلاھاتىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدىن 817نى ئەمەلدىن قالدۇردۇق ۋە تەڭشىدۇق. كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق تۈرىدىن 254نى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، توختاتتۇق ۋە كەچۈرۈم قىلدۇق. سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 12 كىنىشكىنى بىرلەشتۈردۇق، ‹‹ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش›› بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئىگىلىك تىكلەش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن، يىلىغا 149 مىڭ 400 بازار سۇبيېكتى كۆپەيدى. دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق. نېفىت، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق 72 تۈر ۋە كارخانىنى شېرىكلىك، ھەمكارلىق بويىچە يەرلىكتە رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى تېزلەتتۇق. ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولغان شىنجاڭ بانكىسىنى قۇردۇق. تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، جەمئىي 30 مىليارد 300 مىليون يۈەن باج ئازايدى. بۇنىڭ بىلەن، ئېلىنىۋاتقىنىغا 66 يىل بولغان تىجارەت بېجى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرگەن ياردەم پۇل چىقىمى 127 مىليارد 740 مىليون يۈەندىن 211 مىليارد 870 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى. نېفىت، تەبىئىي گازدىن باھاسىغا قاراپ باج ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتۇق. مەملىكىتىمىز بويىچە ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىناق قىلغان تۇنجى رايون ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېشىل پۇل مۇئامىلە بويىچە ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبە رايونى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسلاھات سىنىقى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىنىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. قومۇل ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايىتىنى شەھەرگە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. باش ئەگىم، قوشئۆگۈز، قورغاس، كۆكدالا، قۇرۇمقاش شەھىرىنى تەسىس قىلدۇق. يىپەك يولى ئىقىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى كۆلەمنى شەكىللەندۈردۇق، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ يانداش رايونى ھەمدە قەشقەر، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاشيول، تۆمۈر يول، سۇ يولى بىرلەشمە تىرانسپورتىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن 21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنى تۇنجى بولۇپ تولۇق تۇتاشتۇردۇق. ئېلېكتىرونلۇق پورت تەسىس قىلىپ، خەلقئارا سودىدا ‹‹يەككە كۆزنەك›› سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى يولغا قويدۇق، ئوتتۇرا ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا)غا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنى قۇرۇپ، جەمئىي 1164 قېتىم نۆۋەتچى پويىز سالدۇق. ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ نۆۋەتچى پويىز قاتنىماقتا. چېگرا سىرتىغا بىۋاسىتە سالغان مەبلەغنى خەلق پۇلى ئارقىلىق راسچوت قىلىش سىنىقىنى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن قانات يايدۇردۇق. 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق!
ـــ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىزچىل قانات يايدۇردۇق، خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۇدا %70تىن ئاشۇردۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. بەش يىلدا شەھەر – بازارلاردا جەمئىي 2 مىليون 325 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ساھەسىدە 480 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 19 مىڭ 19 يۈەندىن 30 مىڭ 775 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10.1 ئاشۇردۇق، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 6876 يۈەندىن 11 مىڭ 45 يۈەنگە يەتكۈزۈپ %9.9 ئاشۇردۇق. ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولدى. مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، يېزىلاردا قۇرۇشقا تېگىشلىك قوش تىللىق يەسلىلەرنى تولۇق قۇردۇق. كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخمە سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىن بىر يىل بۇرۇن ئورۇندىدۇق. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردۇق، كۈتۈنۈش ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. بارلىق شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇردۇق. خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. 13 مىليوندىن كۆپرەك شەھەر – يېزا ئاھالىسى خەتەرلىك، كونا كېسەك ئۆي ۋە كەپىلىك رايون بىلەن خوشلاشتى. 2 مىليون 600 مىڭ دېھقان – چارۋىچىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، 4 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچىنىڭ توك ئىشلىتىش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق!
ـــ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىدۇق. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىزنى روشەن كۈچەيتتۇق. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنى ئايرىش پىلانىنى تۈزدۇق، يولغا قويدۇق. ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹بىر قوللۇق›› تەستىقلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىدۇق. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %4.24تىن %4.87كە ئۆستۈردۇق، بوستانلىقلارنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %23تىن %28كە ئۆستۈردۇق. يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما ۋە مۇكاپات پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق، 150 مىليون مو يايلاقتا چارۋا يايلىتىشنى چەكلىدۇق. ئاقسۇ كۆكيارنىڭ چۆللىشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە بولدۇق. تەڭرىتاغنى دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىلتىماس قىلدۇق، كۆكتوقاي دۇنيا گېئو باغچىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۇنيا تەبىئەت مىراسى ۋە دۇنيا گېئو باغچىسى بولماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەردۇق!
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش خىزمەت رىتىمدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىش تەلىپىگە ماسلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ‹‹ئىككى بەنزە››لىك خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى تېزلىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەۋپتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلىدۇق. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 92 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشتى؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 1 تىرىليون 179 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %20 ئاشتى؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 146 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %12.8 ئاشتى؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 304 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %7.7 ئاشتى؛ ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 139 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %19.9 ئاشتى؛ شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ 775 يۈەنگە يېتىپ، %8.1 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 45 يۈەنگە يېتىپ، %8.5 ئاشتى. دېمەك، بىز ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنداپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق!
بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:
(1) ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى زور كۈچ بىلەن قوغدىدۇق. بىز ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردۇق. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى ياخشى قىلىپ، ئۈچتە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى مەنبەدىن تۈگەتتۇق. نۇقتىلىق ساھەلەر بويىچە ۋە جەمئىيەت بويىچە مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھېچقانداق يوچۇق، بوشلۇق ۋە نەزەردىن ساقىت رايون قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېزا – بازارلارنىڭ ھەممىسىدە خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى قۇردۇق. چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ۋە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قىلچە پۇرسەت بەرمىدۇق. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت سەۋىيەمىز ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتتۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىزنى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى مۇھىم شارائىت ۋە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى!
(2) ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدۇق. تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››قا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردۇق. 5 مىليون توننىلىق سۈپەتسىز پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلدۇق. كارخانىلارنىڭ 950 مىڭ توننا ئوشۇقچە پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ۋە 11 مىليون 630 مىڭ توننا ئوشۇقچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. سېتىلماي قالغان تاۋار ئۆيلەرنى يىل بېشىدىكىدىن 995 مىڭ 900 كىۋادرات مېتىر ئازايتتۇق. دۆلەتنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش سىياسىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. كارخانا، يېزا ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق 66 ھەق تۈرىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردۇق. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ياخشىلىدۇق ۋە زورايتتۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. كۆلەمدىن ئاشقان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى %9.2، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى %38.8 ئاشۇرۇپ، سۈرئەت ۋە سۈپەتنىڭ تەڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلىگۈچى تەرەپ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشتا يېڭى ئۈنۈم ياراتتۇق. 2 مىليون 400 مىڭ مو يەرنى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىدىغان قىلدۇق. ساياھەتچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، سودا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىكى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېزلەتتۇق. پۈتۈن بىر يىلدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 107 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %32.4 ئاشتى، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %30 ئاشتى. ساياھەتچىلىك ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى!
(3) ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى – لوپنۇر، چاقىلىق – نىيە تاشيولى قاتارلىق كۆپلىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلىدۇق. چاقىلىق ئايرودۇرۇمىنى پۈتتۈردۇق، يەكەن ئايرودۇرۇمىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. گۇما ناھىيەسىنىڭ ئاقشور سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، قەشقەردىن پەيزاۋاتقىچە بولغان بىر شەھەر، تۆت ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى، غۇلجا ناھىيەسى ئاقتاش سۇ ئامبىرى، چوڭ جىلغا سۇ ئامبىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلىدۇق. شەرقىي جۇڭغار – شىمالىي جۇڭگو (جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە مارالبېشى – يەكەن، قەشقەر – يەكەن، يەكەن – خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق تارىم ئايلانما ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق. 1 مىليون 600 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئاساسلىق شەھەر رايونى، ئاساسلىق كوچىلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتۇق!
(4) خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق. ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 47 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە كۆپ خىل يوللار بىلەن تۈرتكە بولدۇق، شەھەر – بازارلاردىن 470 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى نىشانلىق تەربىيەلەپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما تۈرلىرىدە شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەردىن 618 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئىشلىتىلگەن ئەمگەكچى 315 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم)غا يەتتى. ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالىنىڭ ئۇچۇر – مەلۇماتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ تېگى – تەكتىنى ئېنىق بىلمەسلىك، ئەھۋالى ئايدىڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، 317 مىڭ 400 ئاھالىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇردۇق. شەھەر – يېزا ئاھالىسىدىن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلەرنى 2 مىليون 450 مىڭدىن 2 مىليون 710 مىڭغا يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈردۇق، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش خىراجىتىنى مەملىكەت تورىدا راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇل بېرىشنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 6 مىليون 920 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى(قېتىم) ياردەم پۇل بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹بىرمۇ بالىنى ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قويماسلىق››تەك تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق! يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر – بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق، تۈرلۈك كەپە رايونلاردىكى 368 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتتۇق، يېزىلارغا 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالدۇق. يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ھەممە كەنتكە ئۈچ فازىلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، شەھەر – يېزا ئاھالىسىگە قارىتا ئوخشاش ئېلېكتىر تورىدا ئوخشاش باھانى يولغا قويدۇق، ھەر كىلوۋات/سائەت توك باھاسىنى 0.39 يۈەنگە چۈشۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى ھەقىقىي تۈردە تۆۋەنلىتىپ، بايلىق ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتۇق. 28 مىڭ كىلومېتىر كەنت تاشيولىنى ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ، 200 يېزا – بازار، 1900 مەمۇرىي كەنتنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلىدۇق. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق، ھەرخىل چوڭ – چوڭ ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردۇق، ئاقتۇ، قۇتۇبى ۋە تاشقورغاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق، ئاپەتكە ئۇچرىغان 17 مىڭ 355 ئائىلە خۇشاللىق ئىلكىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يېمەكلىك – دورا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، سۈپەت بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى روشەن ياخشىلىدۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە ‹‹بەش بىر تۇتاش››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاش، ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق!
(5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى پائالىيىتى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ‹‹ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. كادىرلار ۋە ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار ۋە ئىش – ئىزلارنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق. ھەر مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش››تە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردۇق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتۇق، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەسچىت، دىنىي زات ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق، دىنلار ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولدۇق. دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشقا، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.
(6) تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەپ، يېزىلاردا قوش تىل يەسلى مائارىپىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتتۇق ۋە ياخشىلىدۇق، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇردۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ناھىيە تەۋەسىدە شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي مائارىپنى پۇختا قەدەمدە راۋاجلاندۇردۇق. زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشى ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تېزلەتتۇق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشى، دۆلەتلىك ‹‹ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە›› ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، يېڭى ماتېرىيال، كىۋانتلىق خەۋەرلىشىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلەتتۇق، بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق ئىجادچان ئىختىساسلىقلار، ئىجادچان كوللېكتىپ ۋە ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا تايانچلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈردۇق. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، دورىغا باھا قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دورا سېتىۋېلىشتا ‹‹ئىككى تالون›› لۇق تۈزۈمنى يولغا قويدۇق. بەش دەرىجىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتىنى %88كە، كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتىنى %84كە يەتكۈزدۇق. تۇبېركۇليوز، ئەيدىز قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ھەمدە ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردۇق. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەرزەنت كۆرۈشتە سىياسەتكە ئەمەل قىلماسلىق ئەھۋالىنى تىزگىنلىدۇق. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت – سەنئەت ئىجادىيىتىنى سىجىل گۈللەندۈردۇق، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇردۇق، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردۇق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتە ئالتۇن مېدال، سەككىز كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق. مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدۇق.
(7) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكى ۋە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردۇق، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي توسىدۇق ۋە جازالىدۇق، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى تىزگىنلەشتە ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويدۇق، مەڭگۈلۈك قارلىقلار، مۇھىم سۇ مەنبەسى رايونلىرى، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان رايونلار، دۇنياۋى تەبىئەت مىراسى ئورنى، داڭلىق مەنزىرىگاھلار، تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلار ۋە مۇھىم دەريا – ئېقىن، كۆل، سۇلۇق يەرلەرنى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي قوغدىدۇق. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 39 مىليون 620 مىڭ مو مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى بېكىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئورمان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردۇق. 3 مىليون 330 مىڭ مو يەرگە ئورمان ئەھيا قىلىپ، 4 مىليون 500 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تۈزىدۇق. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا 18 – قېتىم سۇ باشلاپ، 1 مىليارد 214 مىليون كۇب مېتىر سۇنى تۆۋەنكى ئېقىنغا يەتكۈزدۇق. دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتۇق. سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا تېرىقچىلىقنى توختىتىش، سۇ تېجەش، بىنەم ئېچىشنى چەكلەش ۋە سۇ ئېلىش – ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىنى يېڭىدىن تەستىقلاشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قەتئىي يولغا قويدۇق. بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەش بويىچە ئىجازەتنامە تۈزۈمى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش ۋە سودىلىشىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە رايونلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىرلىكتە تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز، گازنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان 12 مىليون 900 مىڭ كىلوۋاتلىق ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، قارامايلى تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايوننىڭ كۆلىمىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىسقارتىۋېتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىشتەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇش قىلمىشلىرىدا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىرادىمىز، خىزمەت سالمىقىمىز ۋە خىزمەت نەتىجىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن زور بولدى!
(8) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. مەملىكەتلىك 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە – شەھەر پۈتۈن دىققىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىي 15 مىليارد 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى. بىز كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ساياھەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى كىرگۈزدۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە – شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كۆپ قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش سۇپىسىنى قۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە – شەھەرلەردىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا قان – تەرى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى سىڭدۈردى، بىز ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ۋە ئەجرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز!
(9) ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق، تەشۋىق قىلدۇق، ئىزچىللاشتۇردۇق. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى ۋە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردۇق. قانۇن ئىجراچىلىرىنى تىزىملاپ ئەنگە ئېلىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە توردا باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. مەمۇرىيەتكە دائىر تەدبىر، ئىجرا، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ۋە نەتىجىدىن ئىبارەت ‹‹بەشنى ئاشكارىلاش›› خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە جىددىي ئىشلارغا ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش قاتارلىق 60تىن ئارتۇق تاسادىپىي ۋەقەگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قوغدىدۇق. مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتەك ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››قا قەتئىي قارشى تۇردۇق. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىرمۇ جاينى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق، تولۇق قاپلاش ۋە قىلچە كەچۈرمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلارنى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى بويىچە قاتتىق جازالىدۇق!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدۇق. بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە ۋە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەرمىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پىچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە رايونى بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاھالە بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ئاسانغا توختىمىدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق – كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىلەرگە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا، كادىرلارغا ۋە زىيالىيلارغا، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلارغا، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىگە، پارتىيەسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر – ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
ئەمەلىيەت داۋامىدا شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، شىنجاڭ يەنىلا ئىككى جەھەتتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىمىزدا يەنىلا بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇلار ئاساسلىقى: ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىمىز يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىز مۇۋاپىق ئەمەس، كەسىپ قۇرۇلمىمىزدا بىر تەرەپلىمىلىك بار، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى بىلەن ئېھتىياج قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز كۈچلۈك ئەمەس، ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرۇشىمىزدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك ئەمەس؛ خام ماتېرىيال، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نىشان – ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل؛ تەرەققىياتتىكى يېتەرسىزلىك، تەكشىسىزلىك ئەھۋالى گەۋدىلىك، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پەرقى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ئارقىدا، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت ئىقتىدارى يېتەرسىز، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنە كۆپلىگەن كەمتۈكلۈكلەر بار، خەلقنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىمىز ئىنتايىن مۈشكۈل؛ ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا بىرمۇنچە مەسىلىلەر مەۋجۇت، بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى خىزمەت ئىستىلى پۇختا ئەمەس، خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى جايىدا ئەمەس، ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش›› ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى يېتەرسىز، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بەزى خىزمەتچىلەردە قىلىدىغاننى قىلماسلىق ياكى ئىشنى قالايمىقان قىلىش، سۆرەلمىلىك قىلىش، ھۇرۇنلۇق قىلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى كۆپ، بەزى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك، بۇ ئەھۋاللار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزمەكتە. بىز پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكار بولۇش روھىمىز بىلەن، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئىجادىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىش جاسارىتى بىلەن تىرىشىپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى قەتئىي ئاقلايمىز.
2.بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى
كەلگۈسى بەش يىل شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان مۇھىم مەزگىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. كەلگۈسىدە بىز كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىمىز، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان پايدىلىق شارائىتقىمۇ ئېرىشىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى، دەپ كۆرسەتتى. يېڭى دەۋردە، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتتى. يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، دىققەتنى يېڭى تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەيمىز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ماس كەلمەيدىغان، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، ھەتتا مۇخالىپ كېلىدىغان قاراش، ھەرىكەت ۋە ئۇسۇللارنى قەتئىي تۈزىتىمىز، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جەھەتتە تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىمىز. بۇ بىز ئۈچۈن ھەم پۇرسەت، ھەم رىقابەت، ھەم بىر سىناق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولغان مەزگىلدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ھالەتتە تۈپ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. شۇڭا، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىدۇ. دېمەك، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كىرىچىنى ھەر ۋاقىت بوشىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، بىز نۇرغۇنلىغان پۇرسەت ۋە پايدىلىق شارائىتلارغا ئېرىشىمىز. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشىمىزنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە كۈچلۈك ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مىزاننى كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غەربىي قىسىمنى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ـــ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا بولغان ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز كامىل!
ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي پىكىر يولى مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنى پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، چوڭ – چوڭ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش، مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش.
بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇنداق:
(1) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شىنجاڭ خىزمىتىگە باھا بېرىشتە ئەڭ ئاساسلىقى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى بويىچە، دىققىتىمىزنى ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەت قاتارلىق ئۇللۇق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بىپايان زېمىنىنى ياخشى قوغدايمىز، مۇقىم قىلىمىز، تەرەققىي قىلدۇرىمىز!
(2) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، دەپ كۆرسەتتى. بىز ئىقتىسادنى سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى چىڭ ئىگىلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت، ئۈنۈم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىمىزنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەركەزلەشتۈرىمىز، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى تۈرتكە قىلىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش، 3 – كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىشتا چىڭ تۇرىمىز، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە يۇقىرى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ھۆكۈمەت قەرزى ۋە پۇل مۇئامىلىسى خەۋپىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئۆز قەرەلىدە باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز!
(3) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: نامرات يېزا ئاھالىسىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون تۈسىنى ئالغان كوللېكتىپ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ـــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەقەللىي ۋەزىپىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز، دەپ كۆرسەتتى. بىز نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 1 مىليون 897 مىڭ 800 نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 28 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات رايونلارنىڭ ۋە نامرات ئاھالىنىڭ مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆك نامرات رايونلىرىنى ئاساسلىق جەڭگاھ قىلىپ، 22 كۆك نامرات ناھىيە، 1962 كۆك نامرات كەنتتىكى 1 مىليون 627 مىڭ 500 كۆك نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ مەركەزلىك يۆلەش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇپ، رايون تۈسىنى ئالغان كوللېكتىپ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز!
(4) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇشىمىز شەرت، دەپ كۆرسەتتى. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىمىز. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپ، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر – بىرلەپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيەلىنىش، داۋالىنىش، ئولتۇراقلىشىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، شۇنداقلا بىخەتەرلىك، مۇھىت، باراۋەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىمىز، گۆدەكلەر يەسلىگە كىرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيسىزلەر ئۆيگە، ئاجىزلار يار – يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان ئىمكانىيەت يارىتىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن – يىلغا ياخشىلايمىز!
(5) يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ـــ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭ تەدبىر، دەپ كۆرسەتتى. بىز ‹‹سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئاق قار، كۆك مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھاياتىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك، باغۇ – بوستانلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى، دېگەن تەلىپىنى زېمىنىمىزنىڭ ھەر بىر غېرىچ يېرىدە نامايان قىلىمىز.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ـــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي تىلىكى. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!
3. 2018 – يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر
2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇڭا بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ مۇنداق: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى سالماقلىق بىلەن ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۈپەت، ئۈنۈم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە پۇختا ئىلگىرىلەش، كۆزلىمە نىشاننى يېتەكلەپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىللىقى، ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش.
بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان مۇنداق: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %15 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى %8.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر – بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3.5 ئىچىدە تىزگىنلەش.
يۇقىرىدىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن، بىز ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىلارنى ياخشى ئىگىلەپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ئىشلەيمىز:
(1) دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىشتە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش، جەمئىيەت بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھېچقانداق يوچۇق، ھېچقانداق بوشلۇق ۋە نەزەردىن ساقىت رايون قالدۇرمايمىز، چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئە ئىستىھكامى قۇرىمىز، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. نوپۇسنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇللۇق خىزمەتلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كۆك نامرات كەنتلەرنىڭ 1 – شۇجىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش›› مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە ‹‹كەنت زومىگەرلىرى›› مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايدىغان كۈچلۈك ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە تىنغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنى قەتئىي توسىمىز، زوراۋان – تېررورچى ئۇنسۇرلارنى رەزىل مەقسىتىگە مەڭگۈ يەتكۈزمەيمىز!
(2) ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىمىز
سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساس قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرىمىز، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. كارخانىلارنى كىرگۈزۈش بىلەن يەرلىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كاپىتالنى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ساھەسىگە كىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ساھەسىدە يېتەكچىلىك رولى كۈچلۈك بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە كىرگۈزىمىز، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى يۈكسەلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭى پېتى ساقلاش، ساقلاش – توشۇش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا ساقلاش قىيىن بولۇش، سېتىش قىيىن بولۇش، باھاسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ، دېھقانلارنى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر، خىمىيە قاتارلىق بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى كەسىپلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك، ماشىنىسازلىق، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە مەھسۇلات تېخنىكىسى، تېخنولوگىيە جابدۇقلىرى ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىتنى قوغداش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلىمىز. گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلغار تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، مېتال پىششىقلاش، كرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇقلار، توك يەتكۈزۈش ۋە بېسىم ئۆزگەرتىش ئۈسكۈنىلىرى، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىيلىشىش، يېشىللىشىشقا يۈزلىنىشىنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. ئوتتۇراھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولىمىز ۋە ئىلھام بېرىمىز. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز، توقۇمچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپى، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يۆلەپ ۋە ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان›› تۈرلەرنى داۋاملىق يولغا قويىمىز، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپىنى بوياقچىلىق، تىككۈچىلىك قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرگە مايىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ھەمدەم بولۇش رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.
3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى زورايتىش ۋە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ. بىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولۇۋاتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ياخشىلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىچە داڭلىق ماركا يارىتىمىز، ساياھەتچىلىكتە ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق چېگرا ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتىنى %30 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. سودا – ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر – يېزا بازارلىرىنىڭ تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، خەلقئارا تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى تەشكىلاتى، كۆپ مىقدارلىق تاۋار سېتىۋېلىش سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش سىستېمىسى، خەلقئارا پورتلارنى سىرتقا ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسى، شەھەر – يېزا سودا – ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا سودا قىلىشنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىمىز. يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، ئالاقە تورىنىڭ ساياھەتچىلىك، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالاش، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، تۇرمۇش تۈرىدىكى، جامائەت مۇلازىمىتى تۈرىدىكى، ساھە تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، يېڭىچە ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستېمالنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېھتىياج جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپە نىسبىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرىمىز.
(3) تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز
‹‹تۈگىتىش››، ‹‹تۇرغۇزۇش››، ‹‹تۆۋەنلىتىش››كە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەيمىز ۋە ياخشىلايمىز.
ئۈنۈمسىز تەمىناتنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىمىز. بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پولات – تۆمۈر، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، سېمونت ساھەلىرىدىكى ئوشۇقچە ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ھازىرقى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئوشۇقچە ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىمىز. ‹‹مۇردا كارخانىلار››نى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى سودىسىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەيمىز. سۈپەت، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن – نىزام ئۆلچەملىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى تېخىمۇ قاتتىق تۈزەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىمىز. تۈرگە ئايرىپ تەڭشەش – تىزگىنلەش ۋە ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا يارىشا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجىنى جانلاندۇرۇپ، سېتىلماي قالغان ئۆيلەرنى قولدىن چىقىرىمىز.
يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە دۆلەت دەرىجىلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى كەسىپ ۋە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن جىسپىلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى رىغبەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز. جاي نامى قوشۇلغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر قەدەر داڭلىق ۋە تەسىرى كۈچلۈك تاۋار ماركىلىرىنى يارىتىمىز، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى پائال تېزلىتىپ، ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، زامانىۋى تەمىنات زەنجىرى قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىلەرنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال سۈپىتى ۋە ئىستېمال مۇلازىمىتى جەھەتتە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەلىپىنى قاندۇرىمىز.
ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىمىز. تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى، باج ھەققى تەننەرخى ۋە ئامىل تەننەرخىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىمىز، كارخانىلار تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنىڭ نىسبىتىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى داۋاملىق ئېنىقلاپ، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز. ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش›› ئىسلاھاتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بىرلەشمە تەستىقلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىقتىسادىي خىزمەتتە ‹‹قۇرۇلۇشنى تۇتۇش›› تىن ‹‹سۈپەتنى تۇتۇش›› ۋە ‹‹مۇھىتنى تۇتۇش›› قا قاراپ يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولىمىز. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ‹‹كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش››، كارخانىلارنى تىزىملاشنى تولۇق ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىشنى داۋاملىق تېزلىتىمىز. ‹‹ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش››تەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى داۋاملىق پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاشتا تارماق ھالقىغان ئاساستا بىرلىشىپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىمىز. سەمىمىيەت بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاپ ئىبرەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئالاقە تورى + مەمۇرىي مۇلازىمەت›› سۇپىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي مۇلازىمەت ۋە جامائەت بايلىقى سودىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەمدە مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ۋە جامائەت بايلىقى سودا مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېلېكتىر بازىرى سودىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، توك بىلەن تەمىنلەش، توك يەتكۈزۈش، توك تەقسىملەش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئوخشاش توردا باھانى ئوخشاش قىلىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، توك باھاسى تۆۋەن بولۇش ئەۋزەللىكىمىزنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە زورايتىمىز.
بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق تېزلىتىمىز، بازارنىڭ بايلىقلارنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئەۋزەل كارخانىلارغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مۇدىرىيەت قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىركەتنى قانۇنىي ئىگە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بازار ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا بولغان كىرېدىت، پاي چېكىنى بازارغا سېلىش، مالىيە – باج، يېڭىلىق يارىتىش، خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمە ۋە تۈرلۈك يوشۇرۇن توسالغۇلارنى پائال چىقىرىپ تاشلاپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مال – مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي چەكلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز. كارخانا كاپىتالىنىڭ بازارلاشقان تولۇقلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىمىز. ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئاۋامنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز. ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىن، سەمىمىي بولغان يېڭىچە مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلارنىڭ دادىل ئىشلەپ ئىگىلىك تىكىلىشىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىلھام بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىمىز.
(4) نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز
توغرا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا چەكلىمە بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى زور قۇرۇلۇشلار ۋە كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەم بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۇتقا، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتە مايىل بولۇش بىلەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغلەرنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. ‹‹يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى يۆلەش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى يۆلەش، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى يۆلەش، چېگرا مۇھاپىزەتچىلىكىگە قويۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى يۆلەش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرى ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش›› تەلىپى بويىچە، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، ھەر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەدبىر بەلگىلەپ، ياردەمنى كىشى بېشىغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. نامراتلارنى ماددىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز، نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە نەتىجە – ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنى كۈچەپ ئىشلىمىگەن، ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، ساختىلىق قىلغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سان ئويۇنى ئوينىغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
(5) يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز
يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزىمىز. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك يىرىك پىلان ۋە خىزمەت لايىھەلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، شەھەر (ناھىيە) لەرنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى بازار، يېزا، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرىمىز.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەتكە، يېشىل مەھسۇلاتقا ۋە پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، داڭلىق ماركا يارىتىش، سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك سىياسىتىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىشقا ئۆتۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى يارىتىمىز. ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئوشۇقچە ئاشلىق سورتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ رايونلار بويىچە جايلىشىشىنى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايمىز، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باغ – ئورمانچىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. پەن – تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىش، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى كۈچەيتىش، سورتلۇق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.
يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ۋە كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى دەل جايىدا ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 2 – قارارلىق تېرىلغۇ يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ھۆددە مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ھۆددە يېرىگە دائىر ‹‹ئۈچ ھوقۇق››نى تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى سالماق قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز، كوللېكتىپ يەرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇنلۇق قوغداش شەرتى ئاستىدا، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ باراۋەر قوغداپ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى جانلاندۇرىمىز. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە كوللېكتىپنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۈلۈكنىڭ پاي ھەمكارلىقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى پائال كېڭەيتىمىز. دېھقانلارنىڭ بىكار تۇرغان ئۆيلۈك يېرى ۋە بىكار تۇرغان ئۆيلىرىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ۋە ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە تىزىملاش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. سۇ باھاسى، سۇ ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ بازىرىنى پائال يېتىلدۈرىمىز.
شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تەسىرى ۋە تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېزىلارغىچە يەتكۈزۈش، جامائەت مۇلازىمىتىنى يېزىلارغىچە كېڭەيتىش، كەسىپلەرنى يېزىلارغىچە مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇشنى پائال تېزلىتىمىز، ئامىللارنى يېزىلارغىچە يەتكۈزۈشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئامىللارنى يېزىلارغا تېخىمۇ كۆپ يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز.
يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرىمىز!
(6) بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز
قاتناش قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە كۈچەيتىمىز. ھەممە ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇش، ھەممە يېزىنىڭ يوللىرىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش، ھەممە كەنتنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى پائال تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچى – لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، چىنارغول – باي – مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، قەشقەر – قاغىلىق – قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق چوڭ ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىمىز، خوتەن – چاقىلىق، كورلا – گولمۇد تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتنىشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار، ئۈرۈمچى – سانجى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى – غۇلجا – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۈرۈمچى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە تاشقورغان، موڭغۇلكۈرە، كېرىيە يېڭى ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى پائال تېزلىتىمىز. كۆك نامرات يېزا – بازارلار ۋە كەنتلەرنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹تۆتتە ياخشى يېزا يولى›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.
سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە كۈچەيتىمىز. سۇ قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ خەۋپنى تۈگىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بەش چوڭ سۇ ئامبىرى ۋە نۇر سۇ ئامبىرى قاتارلىق 17 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرىمىز، يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، ئويئېڭىز سۇچىلىق تۈگۈنى، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى ۋە مومۇق سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش، تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. 2 مىليون مولۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز. نۇقتىلىق دەريا ئېقىنلىرىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تۈزەش قەدىمىنى تېزلىتىمىز، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 545 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز.
ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە كۈچەيتىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاستتا 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىمىز. شەرقىي جۇڭغار شەرقىي جۇڭگو (جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلۇق پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› ئۈچىنچى لىنىيەسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، نېفىت، كۆمۈر، توك بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىمىز. يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىمىز.
ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە كۈچەيتىمىز. ‹‹ئالاقە تورى+›› ھەرىكىتى پىلانى ۋە كەڭ بەلباغلىق شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، بۇلۇتلۇق ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا ئوبوروتى تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەردە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئوپتىك تالانى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىمىز.
كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى سالماق قەدەمدە كۈچەيتىمىز. ‹‹ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىش›› يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۇرالغۇ تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا دائىر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ خىل يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئۆي – مۈلۈك سودىگەرلىرىنى ئاساس قىلغان، يېزا كوللېكتىپى، تۇرالغۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق كۆپ خىل سۇبيېكت تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. شەھەر – بازارلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەپىلىك رايونلاردىكى 471 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدىن 30 مىڭ يۈرۈش سېلىپ، شەھەر – بازارلاردىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىمىز. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويىمىز، يېزىلاردىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، تارقاق بېقىلىۋاتقان كۆك نامراتلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىمىز. شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، ئاپپاراتلاشقان تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز.
(7) خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز
خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇۋاتقانلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامدا ۋە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەرتىپلىك ھالدا شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى تېزلىتىمىز. 22 كۆك نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى مەركەز قىلىپ، ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەندىن 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئەمگەكچىلەرنى شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكە – شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرىمىز، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر مەسىلىسىنى ئۇدۇللۇق ھەل قىلىمىز.
مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرىمىز. مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەيمىز، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ھەممە بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، خاتىرجەم ئوقۇشى، ئادىل ۋە سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە يېزا مەكتەپلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ۋە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلايمىز، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپ، بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز، يەسلى مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىكىنى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇملاشتۇرىمىز. ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرىمىز.
داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، نامراتلارنى ساغلاملىق بويىچە يۆلەش قورۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز. داۋالاش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆمەك شەكلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلار، كەنت شىپاخانىلىرى ۋە مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، كېسەل كۆرسىتىشكە چىقىنالايدىغان، كېسىلىنى داۋالىتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قانات يايدۇرىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە يۆلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرۈشنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. داۋالاش بايلىقى بىلەن ياشانغانلارنى كۈتۈش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق كەسىپلىرى، ياشانغانلارنى كۈتۈش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز.
جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. باش نىشاننى ئاساس قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەيمىز، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش نىشان ئېڭى بىلەن ئاممىنى قوراللاندۇرىمىز، رىغبەتلەندۈرىمىز ۋە ئۇيۇشتۇرىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز. ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى››، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەردە كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز. مەدەنىيەت – سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئوبدان سۆزلەپ، كىشىلەرنى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە تەسىرلەندۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىمىز. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قوغداش ئاساسىدا پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قوغداش ئاساسىدا ۋارىسىلىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تاسادىپىي جىسمانىي زەخمە سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش غەملەش خىزمىتىنى باشلايمىز، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ كېسەل كۆرسىتىش بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى بويىچە ‹‹بىر تالون›› بىلەنلا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. شەھەر – يېزا ئاھالىسىدىن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزى ئىختىيار قىلغان ‹‹بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە››لەرنى مەركەزلىك بېقىش، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مېيىپلەر ۋە ئاياللار – بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.
بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك ۋە ئۆز ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەيمىز. گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسىمىز.
(8) زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مالىيە، باج ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىمىز
ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ – خەتىرى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەر كۆرۈلمەسلىكتىن ئىبارەت تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلايمىز.
ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى ئازايتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز، تەرەققىيات سۈرئىتىمىز ئاستىراق بولسا مەيلىكى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىشقا ھەرگىز يول قويمايمىز، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاگاھ چېكى ۋە تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چۈشۈرۈۋەتمەيمىز، دۆلەت تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان قەرز نورمىسى ئىچىدە يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىشنى ئاپتونوم رايوننىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق قەرز ئېلىش يولى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىدىن باشقا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە قەرز ئېلىشىغا، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قەرزىگە ھەر قانداق شەكىلدە كېپىل بولۇشىغا، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەبلەغ توپلىشى ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشىگە بىردەك يول قويمايمىز، ھۆكۈمەت سېلىنما فوندى، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ ھەمكارلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىشى قاتارلىق ناملاردا شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز ئېلىشنى قەتئىي چەكلەيمىز، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز كۆپەيتىشنى قەتئىي توسىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز قالدۇقىنى پائال تۈردە مۇۋاپىق كېمەيتىپ، يەرلىكنىڭ قەرز يوشۇرۇن خەۋپىنى تەدرىجىي تۈگىتىمىز.
پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى ئازايتىمىز. خەۋپ – خەتەر ئېغىر ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت خەۋپ – خەتىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ پائال ئالدىنى ئالىمىز. پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى سودا ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى قالايمىقان بېجىرىش، يوشۇرۇن سەرراپخانا ئېچىش، يوشۇرۇنچە سۇغۇرتا تالونى كېسىش قاتارلىق قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى قەتئىي تۈزەيمىز، خەۋپ – خەتەرنى مەنبەسىدىن باشقۇرۇشنى ۋە يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دائىملىق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ – خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، پۇختا، ساغلام يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
مالىيە، باج ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىمىز. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە، باج ۋە پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. مالىيە ۋە باج مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مالىيە مەنبەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، باجنى قانۇن بويىچە ئالىمىز، ئېلىشقا تېگىشلىك باجنى تولۇق ئالىمىز. مالىيە مەبلىغى تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، مالىيەنىڭ چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسىي ئىشلارغا، نورمال يۈرۈشۈشكە، خەلق تۇرمۇشىغا، نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىمىز، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مائارىپ ساھەسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ساھەلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى››نى كېمەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلارنى قىلىشىنى قەتئىي چەكلەپ، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەربىر مالىيە مەبلىغىنى دەل جايىدا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. ھۆكۈمەت بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەر، ئەۋزەل ۋە ئۆزگىچە كەسىپلەر، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر كەسىپلەر، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلار، نامرات رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى ئاشۇرىمىز. يېشىل پۇل مۇئامىلىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، سانجى، قومۇل، قاراماينى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىمىز.
(9) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز
پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ‹‹سەككىزگە كىرگۈزۈش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمىز. شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى تەتقىقات سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەشكە، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز.
كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز، مەسچىت، دىنىي زات ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹دىنىي ئىشلار نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي ئىلىمى يۇقىرى، پەزىلىتى ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ھالقىلىق ۋاقىتتا رول ئوينايدىغان ساپالىق دىنىي زاتلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىمىز. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە يامرىشىنى چەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىنلار ئىناقلىقى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
(10) مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىمىز
مۇھىتنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز ئاستىراق بولسا مەيلىكى، ئېكولوگىيەنى نابۇت قىلىدىغان بەدەلنى ھەرگىز تۆلىمەيمىز، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئاگاھ چېكى ۋە تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چۈشۈرۈۋەتمەيمىز، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەشتىكى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى ۋە سانائەت تۈرلىرى ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكىنى چىقىرىمىز، ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ‹‹بىر قوللۇق›› تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە مۇھىت ئاسراشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بوشلۇقتىن پايدىلىنىشنى تىزگىنلەش ھەمدە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ۋە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرىمىز. شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى ‹‹بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ‹‹كۆپ خىل يىرىك پىلاننى بىرلەشتۈرۈش››نى پائال تېزلىتىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەمدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نابۇت قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى بىر مەھەل، دائىرىلىك ئاشۇرىدىغان ئۇسۇلنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي چېكى، مۇھىت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى ۋە تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ چەك››نى قەتئىي ساقلايمىز.
ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىمىز. قۇلۇستاي قاتارلىق چوڭ – چوڭ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز، ئىبنۇر كۆلى ۋادىسىنىڭ سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېكولوگىيەنى قوغداش ئاگاھ چېكىنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، مەڭگۈلۈك قارلىق رايونلار، سۇ مەنبەسى يېتىلىدىغان مۇھىم رايونلار، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان رايونلار، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار، دۇنياۋى تەبىئەت مىراسى بار جايلار، داڭلىق مەنزىرىگاھلار، مۇھىم دەريا، كۆل، سۇلۇق يەر قاتارلىق رايونلارنى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي قوغداشنى يولغا قويىمىز. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق سىستېمىسىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، دەريا – كۆللەرنى ئارام ئالدۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويىمىز، قۇم – بوران مەنبەسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە توسىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئاقسۇنىڭ ‹‹ئىككى 1 مىليون مو››لۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئېكولوگىيەنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىك بىلەن ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، نۇقتىلىق رايونلاردىكى سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، مەملىكەت بويىچە قۇملىشىشنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئۈلگىلىك رايوننى پائال ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.
ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ‹‹سۇغا دائىر ئون تەدبىر››نى پۇختا يولغا قويۇپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بۇلغىنىشنى بىرلىكتە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشنى تېزلىتىپ، ۋادىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز. ‹‹تۇپراققا دائىر ئون تەدبىر››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىغا دائىر باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز، يېزا ئىگىلىكىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى، شۇنداقلا قاتتىق تاشلاندۇقلار ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ‹‹ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە››، ‹‹كۈيتۈن – مايتاغ – شىخو›› قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، بۇلغىمىنى بىرلىكتە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى روشەن ياخشىلايمىز!
كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىمىز. قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قەتئىي شاللاپ، بۇلغىنىشنى مەنبەسىدىن ئازايتىمىز. توك تەقسىملەش تورىنى قۇرۇش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى بۇلغىمىسىز، مۇھىت سۆيەر تۇرمۇشقا يېتەكلەپ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پاكىز سۇ ئىچىش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ۋە ياخشى مۇھىتتىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز!
ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتىمىز. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەتلىك 2 – قېتىملىق بۇلغىما مەنبەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيمىز، مۇھىتنى تەپتىش قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويىمىز، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق بويىچە تەپتىشلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، قوللانغان تەدبىرى جايىدا بولمىغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغان ۋە يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى قانۇن – ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق ۋە ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزغانلارغا ئېغىر بەدەل تۆلىتىمىز!
(11) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز
دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تولۇق قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشىكنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.
يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق بويىچە باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى سۇبيېكت، بازارلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹ئۈچ بازا››، ‹‹ئۈچ ئۆتەڭ›› قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى قۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەكلىك ۋە سۇپىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز. چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىكنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېزلىتىمىز. 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز.
‹‹چىقىرىش›› قەدىمىنى تېزلىتىمىز. جۇڭگوياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ توپلىنىش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلىشىپ توشۇيدىغان تاموژنىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش مەركىزى ھەمدە باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ۋە ئايروپورت ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز قاتنىشىنىڭ كۆلەملىشىشى، ئۈنۈملۈك بولۇشى ۋە دائىملىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. تاشقى سېلىنمىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، تېببىي دورا، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەۋزەل ساھەلەردە سىرتقا چىقىشىنى قوللايمىز، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پولات – تۆمۈر، سېمونت ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ چېگرا بازىرى سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاۋار، تېخنىكا ۋە جابدۇق ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولىمىز.
تاشقى سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگو پاكىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالاتاۋ باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى ۋە جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز، تارباغاتاينىڭ ئېچىۋېتىلگەن تەجرىبە رايونىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللايمىز، جۇڭگوقازاقىستان قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسىپلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش سىنىقىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق پۇلىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىشىنى كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىپ سودا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرىمىز. مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ‹‹يەككە كۆزنەك›› سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرى سىنىقى خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەيمىز.
ئىچكى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز. دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى ۋە دەرۋازىسى بولۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بازارلىرىغا يۈزلىنىپ، شەرقىي رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىن تەرتىپلىك يۆتكەلگەن كارخانىلارنى پائال قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىمىز ۋە ئىلھاملاندۇرىمىز. نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئەۋزەللىكىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئۇتۇق قازىنىش ئاساسىدا، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاشنى تېزلىتىمىز.
(12) بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونلۇق›› ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز
‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزىمىز، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى ـــ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۈەننىڭ زورىيىشى ـــ شىنجاڭنىڭ زورىيىشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ـــ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرىمىز. بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش داۋامىدا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونلۇق ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، بىڭتۈەنگە قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، ئادەتتىكى مەمۇرىيەت فۇنكسىيەسى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بىڭتۈەنگە تولۇق بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ مەمۇرىي فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تېزلىتىمىز. بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا دائىر يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ۋاسىتە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى، تۈەن – مەيدانلارنى يېڭىدىن قۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىنى، ئۆزگىچە تۈەن – بازارلارنى قۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى، ئاھالىسىنى كۆجۈملەشتۈرۈپ، ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىشىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايمىز. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە زور مەسىلىلەردە كېڭىشىشىنى كۈچەيتىمىز. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر بېرىكىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بىڭتۈەننىڭ شى، تۈەنلىرىنى شەھەر – بازار قىلىپ قۇرۇشىنى، شى بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى، كەسىپ تەرەققىياتى، بازار سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، جامائەت مۇلازىمىتى، بايلىقلارنى ئېچىش ھەم مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ، رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتەك جانلىق ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.
شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ 5700 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى قوغداۋاتىدۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مەدەت بېرىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. بىز دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ‹‹قوش ھىمايە قىلىش›› خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. چېگرا مۇداپىئە 1 – سېپىدىكى پەن – تېخنىكىلىق باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە يول ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن ۋە خەلق ئەسكەرلىرى بىرلىكتە باشقۇرۇش، بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى توختىتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق ئۆتىدىغان يېڭى ۋەزىيەت ئارقىلىق، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز!
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاللىمىزنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئاڭلىق قوراللاندۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا ماس كېلىدىغان يەرلىك قائىدە – نىزام سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قانۇن ئىجراسىنى پۈتۈن جەريانلىق خاتىرىلەش تۈزۈمىنى، قانۇن ئىجرا قىلىشقا دائىر چوڭ – چوڭ قارارلارنى قانۇنچىلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە دائىملاشقان مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئوننى قىلماسلىق››، ‹‹ئوننى ياخشىلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، راست سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى كۆزلەش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىي، ئىنچىكە ۋە ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە چوڭ – چوڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئەمەلىي ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىمىز. ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش – جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم چۈشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام يۈكلەپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەيمىز، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، چىقارغان قارارىمىز، بېكىتكەن سىياسىتىمىز، قوللانغان تەدبىرلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە، ئاممىنىڭ ئازرۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› تېمىسىدىكى تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كاللىمىزنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، تەربىيە ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيەگە سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەپ، ساپالىق، كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرىمىز. ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، خىزمەتتە ھۇرۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان ياكى ئىشنى قالايمىقان قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، چۆچۈتۈش ئارقىلىق چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىزىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، پاك، ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر!
يېڭى دەۋرنىڭ سىگنالى ياڭرىدى، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇرچىمىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇرچىمىز بىزنى كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ، بىز خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن يېڭى مەنزىلگە يۈرۈش قىلىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا يەنىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!