Timelines and facts Of US-China Relations
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسدىكى تۈرلۈك مۇناسۋەتلەردە ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى يوشۇرۇن رىقابەتچى شۇنداقلا ئېقتسادى شېرىكى دەپ قارايدۇ.ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسۋىتى دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن بىردەك<< 21-ئەسر دۇنياسدىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسۋەت >>دەپ قارىلىدۇ.(1)
ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئېقتسادى گەۋدە،ھەر ئىككىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپسزلىك كېڭىشنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ،يادرو دۆلىتى،مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنپەئىتى قىتئەلەر ھالقىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەردۇر.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسدىكى بارلىق سياسى ،ئېقتسادى،ھەربى مۇناسۋەتلەرنىڭ يادروسى ئۆز مەنپەئىتىنى مەركەز قىلىدۇ،ھەر قتېىملىق دىپلوماتىك كىرزىس ئاساسلىقى ئېقتسادى جەھەتتىكى يېڭى كىلىمشلەرنى ،شۇنداقلا تايىنىشچان مەنپەئەتلەرنى مەركەز قىلىپ ھەل بولماقتا،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە تەسر كۆرستىش دەرىجىسنى چۇشەنمىگەندە، باشقا مۇناسۋەتلەرنى توغرا ئانالىز قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا -جۇڭگو مۇناسۋىتى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسۋەت تەتقىقات ساھەسىدىلا ئەمەس،ئېقتساد،مائارىپ ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق قىزىزىق تېمىسغا ئايلاندى.
خەلقئارادا ئنسانى ھوقۇق،ئېقتسادى قوللاش،ھەربى ئۆزگىرىش ياساش،سياسى قول تېقىش قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكىدىن ئۈمىد كۈتىدىغان ئېزىلگەن مىللەتلەر ناھايتى كۆپ،ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسۋەتكە باغلانغان كىشلەر ئەلۋەتتە چىتىلغۇچى دۆلەت بىلەن ئامېرىكا مۇناسۋىتىنىڭ باش-ئاخىرىنى چۇشىنىشى كىرەك.
بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۇنگەن بۇ ماقالىدە ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسۋىتىدىكى مۇھىم ۋە نازۇك نۇقتىلارنى ئاساسى پاكىتلار،ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەتلەر،زىدىديەت ۋە توقۇنۇش دىگەن ماۋزۇلار بويىچە بايان قلىنىدۇ.تارىخى پاكىتلار بىزگە كەلگۇسنى پەرەز قىلالايدىغان پاراسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتنىڭ باش-ئاخىرىنى،يۆنىلىشنى چۇشنىش ئىمكانى يارىتىلىدۇ.
ماقالىنىڭ ئۇچىنچى بۆلىكىدىكى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسۋىتىگە باھا قسمىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن تارىخى پاكىتلار،ھەمكارلىق ۋە توقۇنۇش پاكىتلىرى ئۇستىدە توختىلىمىز.
ئامېرىكا ۋە جۇڭگو ھەققىدىكى بىر قسم پاكىتلارغا تىز نەزەر
ئاساسى دۆلەت ئەھۋالى پاكىتى:
1-دۆلەت زىمىنى :ئامېرىكا 9مىلىيون 525مىڭ 468 كۇۋادىرات كىلومتىر،جۇڭگو 9 مىلىيون 595مىڭ 961 كۇۋادىرات كىلومتىر.
2-نوپۇسى:ئامېرىكا 325مىلىيون،جۇڭگو 1مىلىيارد 403مىلىيون
3-ئېقتسادى :GDP(ppp)ئامېرىكا 19.417تىرىلىيون،جۇڭگو 23.194 تىرىلىيون،
GDP(Nominal)ئامېرىكا 19 تىرىلىيون،جۇڭگو 11 تىرىليون،
ئېقتسادنىڭ ئىشش نسبىتى:ئامېرىكا :2.31%،جۇڭگو 6.5 % (2017)
:6.58% (2017)
4-ھەربى خىراجىتى (2016) :ئامېرىكا 611.2 مىلىيارد دوللار،جۇڭگو 215.2مىلىيارد دوللار،ئەسكەر سانى:ئامېرىكا:بىر مىلىيون 347مىڭ 300،جۇڭگو 2 مىلىيون 843مىڭ
5-ئەمگەك كۈچى:ئامېرىكا 159مىلىيون،جۇڭگو 907مىلىيون،
6-ھۆكۈمەت:ئامېرىكا:فىدراتسيە پىرىزدىنتلىق،ئاساسى قانۇن جۇمھۇرىيتى
جۇڭگو سوتسيالستىك ،بىر پارتىيە تۈزۈمدىكى ھاكىممۇتلەق دۆلەت،
7-تارىخى:ئامېرىكا:241 يىل،كوممۇنستىك جۇڭگو 70 يىل،خەنزۇ مىللىتى(5000يىل)
8-ئاساسى مىللەت:ئامېرىكا :كۆپ مەنبەلىك ئاق تەنلىكلەر(77.1%) جۇڭگو بىر مەنبەلىك خەنزۇ مىللىتى (92 پىرسەنت)،
ئامېرىكا -جۇڭگو مۇناسۋەتلىرى ھەققىدىكى تارىخى پاكىتلار :(7)
1-1784-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىڭ خاندانلىقىغا كونسۇل ئەۋەتكەن،بىراق رەت قىلىنغان (رەھبەرلەر:Thomas Mifflin ۋە Richard Henry Lee-چىيەنلوڭنىڭ 49-يىلى )
2-ئامېرىكا-چىڭ ئوتتۇرسدىكى رەسمى دىپلوماتىك ئالاقە ھەم تۇنجى شەرتنامە 1845-يىلى ئاۋمىن (ماكاۋ)دا ئىمزالانغان ۋاڭشيا شەرتنامىسى (ئامېرىكا ۋە چىڭ ئىمپىرىيەسى دوسلۇق ۋە سودا كىلىشمى)دىن ئىبارەتتۇر.(3) )رەھبەرلەر: شۇەنزوڭنىڭ 25-يىلى ،(James K. Polk
3-1870يىلى كالىفورنىيە ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقى مەزگىلىدە،شۇنداقلا كىينكى پويىز يولى ياساش قۇرۇلۇشىدا ئامېرىكىغا نۇرغۇن جۇڭگولۇق قارا ئشچىلار كەلدى،ئۇلار كىيىن سان فىرانسسكو قاتارلىق شەھەرلەر ئەتراپىدا جۇڭگو مەھەللىسى قۇردى،ئنتايىن تۆۋەن مۇئاشلىق خىزمەتلەرنى ئىگەللىدى، 1871-يىلى چىڭ مائارىپ منستىرلىكى تۇنجى بولۇپ، 120 نەپەر ئوغۇللارنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى ،كۇنساين كۆپىيۋاتقان جۇڭگولۇقلارغا قارشى يەرلىكلەر شكايەت قىلىشتى ،كالىفورنىيە شتات باشلىقى جون بىگلىر (John Bigler) ۋە ئشچىلار رەھبىرى دەنس كىرنى قاتارلىقلار تەرىپىدىن سياسيلاشتۇرۇلدى.ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
4-1882—يىلى 6-مايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم كۆچمەنلەرنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن –<<جۇڭگولۇقلارنى سېقىپ چىقىرىش قانۇنى>> (Chinese Exclusion Act)نى ماقۇللىدى،بۇ قانۇن تۇزۇتۇش كىرگۇزۇش ئارقىلىق جەمئى 60 يىل ئىجرا قىلىندى.
5- پىرىزدىنىت ئۇلىيسى گىرانت (Ulysses S. Grant) ئىككى نۆۋەت ۋەزىپىسنى ئۆتەپ بولغاندىن كىينكى دۇنيا زىيارىتىنى باشلاپ 1878 -يىلى خوڭكوڭ،كانتون (گۇۋاڭدۇڭ )،شاڭخەي،بېجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە شۇ چاغدا يەتتە ياشلىق مانجۇ ئىمپراتۇرىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىۋىنى رەت قىلىپ،ھۆكۈمەت باشلىقى شاھزادە گوڭ ۋە گىنرال لى خوڭجاۋ بىلەن كۆرۇشكەن ۋە ئۇنىڭغا ياپونىيە بىلەن بولغان رىيۇكۇ ئارىلى مەسلىسى ھەققىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا ياردەم بىرىش تەكلىۋىنى قوبۇل قىلغان.ياپونىيەگە بارغاندىن كىين،جۇڭگونى ياپونىيەنىڭ بۇ ئارالنى قوشۇۋىلىشقا كۆۈندۇرگەن ۋە ئىككى دۆلەت ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ قالغان.(4)
6-1899-يىلى جۇڭگودا چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودىكى سودا،دىپلوماتىيە ئىمتىيازىغا قارشى زور كۆلەمدە قارشىلىق كۆرستىش ۋە ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۇچۇن بوكسيۇرچىلار قوزغىلىڭى قوزغالدى،ئاۋستىريە-ھونگىرىيە،ئەنگىلىيە،گىرمانىيە،فىرانسيە،ياپونىيە،ئىتالىيە،ئامېرىكا روسيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت ئەلچىخانىلىرى ،پۇقرالىرى،سودىگەرلىرىنى قوغداش يۇزسدىن بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ بىيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى،ئۇرۇشتا ئاخىرىدا جۇڭگودا يېڭىلىپ تۆلەم بىرىشكە قوشۇلدى،ئامېرىكا ئۆزىگە بىرىلگەن 11مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىنى جۇڭگونىڭ مائارىپ ۋە مەدەنيەت ئشلىرىنى قوللاشقا ئشلەتتى،چىڭخۋا ئۇنۋېرستىتى ئامېرىكا ياردىمىدە قۇرۇلدى.(8)
7-ئۇرۇشتىن كىين دۇنيانىڭ زور كۇچلىرىدىن فىرانسيە،ئەنگىلىيە،گىرمانىيە،ياپونىيە ۋە روسيە قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونى پارچىلاپ تەسرىگە كىرگۇزۇش پىلانىغا كىرىشكەندە،ئامېرىكا دۆلەت كاتىۋى جون ھاي بۇ دۆلەتلەرگە خەت يېزىپ ،جۇڭگونىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى،كىين ئۇنىڭ تەسىرىدە جۇڭگو سرتقا ئېچىۋىتىش سياستىنى يولغا قويدى.
8-1904—يىلىغا كەلگەندە ياپونىيە بىلەن روسيە جۇڭگونىڭ شەرقى شمالى رايونىدىكى مانجۇرىيەنى بۆلۇشۇش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلدى،كىينكى يىللاردا مانجۇرىيەنى بېسۋالدى.
9-1911-يىلى شنخەي ئىنقىلاۋىدىن كىين قۇرۇلغان جۇڭخۇۋا مىنگونى ئامېرىكا قوللىدى،بۇ قوللاش ھەربى ،سانائەت،تېخنىكا،مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيدى.
10-1937-يىلغا كەلگەندە ياپونىيە جۇڭگو ئۇرۇشى رەسمى پارتىلىدى،ئامېرىكا جۇڭگونى ھىمايە قىلىپ ياپونىيەگە قارشى تۇردى.(1937-1949) (10)
11-1945-يىلى 8-ئايدىن 1949-يىلى 9-ئايغىچە جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى جۇڭخۇۋا مىنگوغا ھۆكۇمرانلىق قىلغۇچى گومىنداڭ پارتىيسى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە جۇڭگو كوممۇنستك پارتىيسى ئارمىيەلىرى ئوتتۇرسدىكى رەسمى قوراللىق ئىچكى ئۇرۇشتا گومىنداڭ پارتىيسى يېڭىلىپ تەيۋەنگە قاچتى.تەيۋەن دۆلەت نامىنى جۇڭخۋا مىنگو(جۇڭخۇاجۇمھۇرىيتى )قىلىپ قوللاندى.ئامېرىكا ئەلچىخانىسى نەنجىڭدىن تەيبىيگە يۆتكەلدى.(9)
12-1950-كوممۇنستىك جۇڭگو سۆۋىت ئېتتپاقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ شمالى كورىيەگە ياردەم بىرىپ،جەنۇبى كورىيە ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئامېرىكا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى.(11)
ئامېرىكا جۇڭگو كومپارتىيەسگە تەۋە ئامېرىكىدىكى مۇلكنى توڭلاتتى،1950-يىلى دىكابىردا جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى 198 مىلىيون دوللار قىممىتىدىكى بارلىق مۇلكىنى تارتىۋالدى.ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى كونسۇلىمۇ جۇڭگودىن كەتتى.
13-كورىيە ئۇرۇشدىن كىين تىرۇمان ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بىخەتەرلىك ۋە ئېقتسادى ياردەم بىرىشنى باشلىدى.1954-يىلىدىن تاكى 1979-يىلىغىچە ئامېرىكا تەيۋەننى قانۇنلۇق جۇڭگو دۆلىتى (Republic of China.中华民国) دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەلدى.
،13-)1958-1962ماۋزىدۇڭ قوزغىغان ئاپەت خاراكتىرلىك <<چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى >>نەچچە مىلىيون جۇڭگولۇقنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بۇنىڭ ئىچىدە ئاچارچىلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە چوڭ قۇرۇقلۇق ئىلان قىلغان دوكلاتتا،غەيرى تەبئى سەۋەبتىن ئۆلگەنلەر سانى 21 مىلىيون 580 مىڭ دەپ،شەرق ۋە غەرپتە يېقىن كەلگەن قاراش ئۆلگۇچىلەرنى جەمئى 20 مىلىيوندىن ئاشىدۇ ،ئەڭ ئاز دىگۇچىلەر 18 مىلىيون،كۆپ دىگۇچىلەر 55 مىلىيوندىن ئىبارەت بولۇپ،ئنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور ئاچارچىلىق ئاپىتى ھسابلىنىدۇ. (5)
15-1962-يىلى ئامېرىكا ۋىيتنام ئۇرۇشىدا،جۇڭگو ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋىيتنام كوممۇنىتسلىرىغا ياردەم بەردى،ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ 58مىڭ 220 ئەسكىرى ئۆلدى.(12)
16-كوممۇنتسك جۇڭگو 1964-يىلى يادرو قورالى ئشلەپچىقاردى.پىرزىدنىت جونسون ئالدىن قول سلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى ئەمما خەتىرىنى دەڭسەپ ۋاز كەچتى.
17-1949-يىلدىن 1971-يىلغىچە بولغان 22 يىلدا ،جۇڭگو ئامېرىكا باشتىن ئاخىر دۇشمەنلىشپ كەلدى،ئامېرىكا ئىزچىل كوممۇنىست جۇڭگونى ب د ت دا ئورۇن ئىگەللەشتىن چەكلىدى،ئېتتپاقداشلىرىنىمۇ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش،يېقىنلىششتىن توسىدى.جۇڭگوغا قارشى ئقېتسادى ئىمبارگو يۈزگۈزدى.ماۋزىدۇڭ ئامېرىكىنى :<<دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىمپىيرىيالست كۈچ >>دەپ تەشۋىق قىلدى.ئامېرىكىغا توختىماي تەشۋىقات ھۇجۇمى قىلدى.(13)
18-ئىككى دۆلەت رەسمى ئېتىراپ قىلىشمىسمۇ،ئەمما 1954-يىلىدىن 1970-يىلغىچە جەنۋە ،ۋارشاۋا قاتارلىق شەھەرلەردە جەمئى 136 قېتىم تۇرلۇك تېمىلاردىكى باش ئەلچى دەرىجىلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇردى.
19-1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە ماۋزىدۇڭنىڭ سولچىل خاتالىقى بىلەن ئىلىپ بىرىلغان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ،كوممۇنستىك جۇڭگو يەرشارى بويىچە يېتىم قالدى.سۆۋىت ئېتتپاقى بىلەن مۇناسۋىتى يامانلاشتى.
16-1969جۇڭگو بىلەن سۆۋىت ئېتتپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئەتراپى ۋە جىنباۋ ئارىلى چىگرا توقۇنۇشى سەۋەبلىك جۇڭگو ۋە سۆۋىت ئىتتپاقىنىڭ مۇناسۋىتى يىراقلاشتى،ئامېرىكا سۆۋىت ئېتتپاقىغا ياردەملىشپ ئۇيغۇر رايوننى جۇڭگودىن بۆلۇپ چىقىشنى خالىمىدى ،سۆۋىت ئتتېپاقىنىڭ چىخسلوۋاكىيەگە مۇداخىلە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر رايونى چىگراسىغا ئەسكەر توپلاپ ،ھۇجۇمغا تەييارلىنىشى نەتىجىسدە جۇڭگو سۆۋىت ئېتتپاقىغا ئشەنمىدى، ئىچكى نامراتلىق ۋە خەلقئارا يېتىملىقتا ئاخىرى جۇڭگو ئاخىرى ئامېرىكا بىلەن مۇناسۋەتنى ياخشلاشنى تاللىدى.(7)
16-1971-يىلى ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن مۇناسۋەتنى ياخشلاش پۇرسىتىنى كۆردى،ھىنرى كسنگىر جوئىنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ <<تىك تاك توپ دىپلوماتىيەسى>>نى باشلىدى،رىچارد نىكسوننىڭ جۇڭگو زىيارىتى ئۈچۈن يول ئاچتى.
17-1972—يىلى ئامېرىكا پىرىزدىنتى رىچارد نىكسون تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا دۆلەت ئشلىرى زىيارىتى ئىلىپ بارغان ۋەزىپىدىكى پىرىزدىنت بولۇپ قالدى.نىكسوننىڭ زىيارىتى دەسلەپتە دۆلەت ئىچىدە قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلدى،كوممۇنىتسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىمايدىغانلار تەنقىد قىلدى.نىكسون ئۇ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشپ سۆۋىت تەھدىتىگە قارشى دىپلوماتىيە قانىلىنى قۇردى.
18-1979-يىلى 1-ئايدا مۇئاۋىن رەئس دىڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ،پىرىزدىنت كارتىر بىلەن مۇناسۋەتنى نورماللاشتۇرۇش پەردىسنى ئاچتى،يۇقىرى قاتلام ئالاقە باشلاندى،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىك ئالاقىسدا تەيبيدىن كۆرە بىيجىڭنى تاللىدى، كوممۇنستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنى <<جۇڭگو>>(China) ،تەيۋەن ئۇنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلدى.جۇڭگو قۇرۇلۇپ 30 يىلغىچە ئامېرىكا بۇ جۇڭگونى ئېتىراپ قىلماي،تەيۋەننى جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى،ئامېرىكا ئاخىرى تەيۋەندىن ۋاز كەچتى، بىراق تەيۋەنگە ھەربى ياردەمنى داۋاملاشتۇردى.(14)
19-1984-پىرىزدىنت رونالد رىگان بىلەن باش منستىر جاۋزىياڭ ئىككى دۆلەت ئارا ئالماشتۇرۇپ زىيارەت قىلىشتى،1985-يىلى دۆلەت رەئىسى لى شىيەننەن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى.
20-1989-يىلى تيەنئەنمىن ۋەقەسى ،1989-يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئېتتىپاق تېخىمۇ كۆپ سياسى ئەركىنلىك ۋە دىموكراتىيە تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى،ۋەقە ھۆكۇمەتنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسدە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئۆلۇمى ۋە يارىلىنىشى بىلەن خۇلاسلەندى،ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2000دىن ئاشىدىغانلىقى قېزىل كىرىس جەمئىتى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى (ئەلجەزىرە تىيەنئەنمىن ۋەقەسى ھۇججەتلىك فىلىمى) ۋەقەدىن كىين ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر جۇڭگونى كۈچلۈك ئەيىپلىدى ۋە جۇڭگوغا قارشى جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزدى،يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىلارنى توختاتتى،قورال-ياراق ئىمبارگوسى يولغا قويدى،بىر يۈرۈش ئېقتسادى جازا ئىلان قىلدى،1990-يىلىدىكى ھيۇستون G7يېغىنىدا غەرپ جۇڭگونى سياسى ۋە ئېقتسادى ئسلاھاتقا جۈملىدىن ئنسانى ھوقۇق ئسلاھاتىغا چاقىردى.
20-1992-يىلى كىلىنتون ۋە جېياڭزىمىن دەۋرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتى تىز تەرەققى قىلدى،يۇقىرى قاتلام ھەمكارلىقى ۋە ئېقتسادى شىرىكدارچىلىق كۇچەيدى،
21-1996-يىلى جۇڭگو تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربى مانېۋر ئۆتكۈزۈپ تەيۋەنگە تەھدىت سالدى،ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكا ئەۋەتتى،ئارقىدىن مۇناسۋەت يۇمشاشقا باشلىدى،
20-1999-يىلى شمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سربىيەگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمىدا بىلگىرادتىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسنى بومباردىمان قىلىپ،ئۈچ نەپەر جۇڭگو پۇقراسنى ئۆلتۈردى.جۇڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئىلىپ بىرىلدى.كىين ئامېرىكا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىسگە تۆلەم بەردى،بۇ چاغدىكى رەھبەرلەر:جىياڭزىمىن ۋە كىلىنتون
21-2001-يىلى بىر ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانى جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزى ئۈستىدە ئىككى جۇڭگو ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانى بىلەن سوقۇشۇپ،جۇڭگونىڭ بىر ئۇچقۇچىسى (ۋاڭ ۋى)قازا قىلدى،خەينەن ئارىلىغا چۈشۈپ كەتكەن ئامېرىكا ئايرۇپىلانى ۋە خادىملىرى ئەسرگە ئىلىندى،خادىملار 11 كۇندىن كىين،ئايرۇپىلان پۇچۇقلىرى ئۇچ ئايدىن كىين قايتۇرۇلدى .رەھبەرلەر:جياڭزىمىن ۋە بۇش
22-2001-يىلى 11-سنتەبىر ۋەقەسدىن كىين جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى،تىرورىزىمنىڭ زىينىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا خەلقئارادا قوللاشقا مۇھتاج بىر چاغدا ،جۇڭگو ھۆكۈمىتى،كارخانىلىرى ئامېرىكىغا بولغان ھسداشلىقنى ئىپادىلىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاشلا <<شنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلىرى>>تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلغان تىرورىزىمنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى قوللاپ بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇردى ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ ئۆزىنى بۇ جەھەتتە قوللىشى كىرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى بىلدۇردى.جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسزلىك كېڭشىدىكى تىرورلۇققا قارشى قارانامىنى ماقۇللاشتا ئامېرىكىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى.<<ئامېرىكا بۇنىڭ بەدىلىگە شەرقى تۈركستان ئسلام ھەرىكىتى>>نى <<تىرورچى تەشكىلات>> دەپ ئېتىراپ قىلدى.جۇڭگو بىر تەرەپتىن ئافغانستان تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشپ ئۇلارنى ئېقتسادى جەھەتتە قوللاش،ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچىيشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،جۇڭگو چىگىرسغا يېقىن كەلتۇرمەسلىك،ئۇرۇش ئالدىنىقى سىپىگە ئەۋەتىپ تىز سۇرئەتتە يوقتىش مەسلىسدە ئېتتپاق تۇزگەن بولسا (جۇڭگو تالىبان بىلەن بولغان ئالى دەرىجىلىك ئالاقسنى كىين ئاشكارا ئىلىپ باردى ۋە ئۇرۇمچىدە،قاتاردا تالىبان بىلەن ئافغانستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسدىكى سۆھبەتكە ۋاستىچى بولدى )،يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانستانغا ھۇجۇم قىلىشنى دىپلوماتىيە جەھەتتەقوللىدى ،جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىر يۇرۇشلۇك <<تىرورولۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق دئالوگى>>باشلىدى. 3-نۆۋەتلىك دىئالوگ 2003-يىلى بيجىڭدە ئۆتكۇزۇلدى .قىرغىزىستان، پاكستان، ئافغانستان، ئامېرىكا <<شەرقى تۈركستان ئسلام ھەرىكىتى>>نى تۇنجى بولۇپ تىرورچى تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى بازىلىرى جۇڭگونى بىئارام قىلغان بولسمۇ،ئارقىدىن كەلگەن ئىراق ئۇرۇشى سەۋەپلىك ئامېرىكىنىڭ دىققىتى چىچىلدى.
23-پىرىزدىنىت بۇش دەرۋىدە ئامېرىكا جۇڭگو ستىراتىگىيە -ئېقتسادى ھەمكارلىق دىئالوگى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى چوڭقۇر چۇشىنىش ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۇكى ھازىرلاندى،بۇ دىئالوگ ئوباما دەۋرىدە تېخىمۇ زور رول ئوينىدى.
24-2008-يىلى جۇڭگو يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا ساھىپخان بولدى.رەھبەرلەر:خۇجىنتاۋ ۋە كىچىك بۇش
25-2010-ئوباما سايلانغاندا،جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسۋىتىدىن تېخىمۇ زور ئۇمىدلەرنى كۈتتى،لىكىن 2010-يىلى ئوباما تەيۋەنگە 6.4مىلىيارد دوللارلىق قورال ياراق ستىپ بىرىشنى تەستىقلىدى ،جۇڭگو بۇنىڭدىن قساس ئىلىش ئۈچۈن قورال ساتقۇچى شركەتلەرنى جازلايدىغانلىقىنى،ئامېرىكا بىلەن رايون خاراكتىرلىك مەسللەردىكى ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ئوباما يەنە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ جۇڭگونى غەزەپلەندۇردى،جۇڭگو ئامېرىكىنى تبىەتتە بۆلگۇنچىلىك قىلىشقا قۇترىتىش بىلەن ئەيىپلىدى ۋە ئامېرىكا باش ئەلچسنى چاقىرتىپ تەنبىھ بەردى.
26-2012-يىلى ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقى ئاسيادىكى ئېتتپاقداشلىرى بىلەن ھەربى ھەمكارلىقىنى كۇچەيتىپ ئۇلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش،ھەربى بازا تۇرغۇزۇش پىلانى جۇڭگونى بىئارام قىلدى،ئامېرىكىنىڭ دوستانە دۆلەتلەردە ھەربى ھەمكارلىق پىلانى جۇڭگودا ئامېرىكىغا بولغان ئشەنچنى يوقاتتى.
27-جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئىراندىن نىفىت ستىۋىلىشنى توختاتتى،ئامېرىكىنڭ سۇرىيە،شمالى كورىيەنى جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
28-2013-يىلى 6-ئىيۇندىن 8-ئىيۇنغىچە كالىفورنىيەدە پىرىزدىنت ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ ئىككى كۈن سۆھبەتلەشتى،بۇ سۆھبەت نىكسون بىلەن ماۋزىدۇڭ ئۇچرىششدىن 40 يىلدىن كىينكى ئەڭ مۇھىم سۆھبەت دەپ قارالدى(خارۋارد سياسەت پىروففىسورى جوزىف نىي )
يادرو قورالى،تور بىخەتەرلىكى،ئېقتساد ھەمكارلىق،ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ،خەلق پۇلى پىرىۋودنسبىتى مەسلىسى ،جۇڭگولۇقلارنىڭ 10 يىللىق ۋيزىسى،تەيۋەنگە قورال ستىش قاتارلىق مەسللەر تىلغا ئىلىندى.
29-2015-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مسنىتىرى ئاشتون كارتىر جۇڭگونىڭ جەنۇبى دېڭىز بويلىرىدا تىز سۇرئەتتە سۇنئى ئارال سىلىشغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى،جۇڭگو داۋاملاشتۇرىۋەردى.
3-2017-يىلى تىرامپ دەۋرى باشلاندى،تىرامپ ئىپادە قىلغان دىپلوماتىيە ئۇسۇلى جۇڭگو بىلەن مۇئامىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئېقتسادى مەنپەئەتنى يادرو قىلىش، ئىچكى ئشىغا ئارىلاشماسلىق، خەلقئارالىق<<رادىكال ئسلام تىرورلىقى >>قا قارشى تۇرۇش يۆنىلىشنى بويلاپ داۋام قىلماقتا.ئۇ يەنە سايلام جەريانىدا ۋەدە قىلغان ساغلاملىق سۇغۇرتا قانۇنى،باج قانۇنى،مۇسۇلمانلارنى چىگىرىدىن چەكلەش قانۇنى،مىكسكىغا تام سىلىش پىلانى،ئامېرىكا شركەتلىرىنى كۇچەيتىش دىگەندەك ئامېرىكا مەنپەئىتى مەركەزچىلىكى سياسەتلىرى بىلەن زور قارشلىققا دۇچ كەلمەكتە.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1-«Clinton seeks stronger Asia ties». BBC News. February 16, 2009. Retrieved April 7, 2010.
2-«World Economic Outlook». International Monetary Fund. International Monetary Fund. Retrieved October 12, 2014.
3-http://www.historycentral.com/Ant/wanghia.html
4-Smith, pp. 612n–613n.
5-http://history.sohu.com/20160406/n443463272.shtml
https://baike.baidu.com/item/大跃进/228533?fr=aladdin
http://www.liberation.fr/planete/2011/06/17/la-chine-creuse-ses-trous-de-memoire_743211
«The President’s Daily Brief» (PDF). Central Intelligence Agency. 13-6
August 1969. p. 3. Retrieved 29 August 2016.
https://www.thoughtco.com/timeline-of-us-chinese-relations-33102687-
8-
-Michael H. Hunt, «The American Remission of the Boxer Indemnity: A Reappraisal,» Journal of Asian Studies 31 (Spring 1972): 539–59.
9-
https://baike.baidu.com/item/国共内战?fromtitle=中国内战&fromid=17502748
10-
Youli Sun and You-Li Sun, China and the Origins of the Pacific War, 1931–1941 (New York: St. Martin’s Press, 1993.)
11-
Malkasian, Carter (2001). The Korean War: Essential Histories. Osprey Publishing. p. 16.
12-
https://www.archives.gov/research/military/vietnam-war/casualty-statistics.html#category
13-
Pamela G. Hollie «Thaw in China-U.S. Ties May Unfreeze ’49 Assets.» New York Times. 1/10/1979. p. D1
14
«US-China Institute :: news & features :: china in u.s. campaign politics: part 6 of election ’08 and the challenge of china». China.usc.edu. 1964-10-16. Retrieved 2010-12-02.
(ئەسكەرتىش:مەنبەلەر تىزىملىكى يەنە قوشۇلىدۇ )
1950-يىلى جۇڭگو تىبەتنى قوشۇۋالدى،تىبەت ئەسرلەردىن بىرى ئىمپىراتورلارغا قارام بولۇپ،1910-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئىدى،